سايلام نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
تۈركىيەدە 61 مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچى تەخمىنەن 207 مىڭ سايلام ساندۇقىدا ئاۋاز تاشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە تۈنۈگۈن (1-ئاپرېل) يەرلىك ئەمەلدارلارنى سايلاش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى. 61 مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچى تەخمىنەن 207 مىڭ سايلام ساندۇقىدا ئاۋاز تاشلىدى.
تاشلانغان پۈتۈن ئاۋازلار سانالغان سايلامدا،
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى %35.4 ئاۋازغا؛
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى %7 37. ئاۋازغا ئېرىشتى.
ئۈچ چوڭ شەھەردە نامزاتلار ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى تەرتىپى بىلەن تۆۋەندىكىچە:
ئىستانبۇل
مۇرات قۇرۇم (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى): %39.5
ئەكرەم ئىمامئوغلۇ (جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى): %51
ئەنقەرە
تۇرگۇت ئالتىنئوك (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى): %31.3
مەنسۇر ياۋاش (جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى): %60.9
ئىزمىر
ھەمزە داغ (تاغ) (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى): %37
جەمىل تۇگاي (جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى): %48.2
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.