ئەتە تۈركىيەدە يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئەتە يېڭى يەرلىك رەھبەرلىك قاتلىمىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ.

2122340
ئەتە تۈركىيەدە يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 61 مىليون 441 مىڭدىن ئارتۇق سايلىغۇچى بېلەت تاشلايدىغان سايلامدا، 34 سىياسىي پارتىيەنىڭ كاندىداتى ھەمدە مۇستەقىل كاندىداتلارمۇ رىقابەتلىشىدۇ.

تۈركىيە مىقياسىدا 206 مىڭدىن ئارتۇق بېلەت ساندۇقى تەسىس قىلىنىدۇ.

سايلىغۇچىلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق 30 چوڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت، 51 شەھەرلىك ھۆكۈمەت، 973 ناھىيە، 390 يېزا-بازار ۋە 50 مىڭ 336 مەھەللە باشلىقىنى ھەمدە ۋىلايەتلىك ئومۇمىي كېڭەش مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسى ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي سايلام كومىتېتى، ھاۋا شارائىتى ۋە كۈننىڭ ئولتۇرۇش ۋاقتىنى نەزەردە تۇتۇپ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى 32 ۋىلايەتتە بېلەت تاشلاش ئىشلىرىنى بىر سائەت ئىلگىرىگە ئالدى.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، 32 ۋىلايەتتە بېلەت تاشلاش سائەت 07.00 دە باشلىنىپ، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 16.00 دە ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ ۋىلايەتلەرنىڭ سىرتىدىكى جايلاردا بېلەت تاشلاش ۋاقتى سائەت 08.00 دىن 17.00 گىچە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر