تۈركىيەدە ئەتە (31-مارت) يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە 31-مارت (يەكشەنبە) سايلام ئۆتكۈزۈپ، يەرلىك رەھبەرلىك قاتلىمىنى سايلاپ چىقىدۇ.

2121999
تۈركىيەدە ئەتە (31-مارت) يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سايلىغۇچىلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق 30 چوڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت، 51 شەھەرلىك ھۆكۈمەت، 973 ناھىيە، 390 يېزا-بازار ۋە 50 مىڭ 336 مەھەللە باشلىقىنى ھەمدە ۋىلايەتلىك ئومۇمىي كېڭەش مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسى ئەزالىرىنى سايلام چىقىدۇ.

34 سىياسىي پارتىيە قاتنىشىدىغان سايلامدا، ئىستانبۇل 22سى سىياسىي پارتىيە، 27سى مۇستەقىل بولۇپ، جەمئىي 49 نامزات رىقابەتكە چۈشىدىغان ۋىلايەت بولدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، كاندىداتلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 18 ياش، ئەڭ چوڭى 90 ياش ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر