جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان ئامېرىكا زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى.
2132674
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇشى پىلانلىنىۋاتقان ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ، زىيارەت ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ ماس كەلمەسلىكى سەۋەبىدىن ھەر ئىككى تەرەپكە قولايلىق بىر كۈنگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كەچەلى تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.