فىدان ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پايتەخت ئەنقەردە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قوراللىق مۇلازىمەتلەر كومىتېتى رەئىسى مايك روگېرس، كومىتېتنىڭ پېشقەدەم ئەزاسى ئادام سىمىس ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلدى.

2121774
فىدان ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا، مىنىستىر فىداننىڭ ۋەكىللەر ئۈمىكىنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى؛ ئۇچۇردا، مىنىستىر فىداننىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قوراللىق مۇلازىمەتلەر كومىتېتى رەئىسى روگېرس، كومىتېتنىڭ پېشقەدەم ئەزاسى سىمىس ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر