تۈركىيە گېرمانىيە دائىرىلىرىدىن پ ك ك نىڭ پائالىيەتلىرىگە قارشى كەسىن تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى—پ ك ك تەرەپدارلىرى تۈركىيەنىڭ خاننوۋېردىكى كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە گېرمانىيە دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2121293
تۈركىيە گېرمانىيە دائىرىلىرىدىن پ ك ك نىڭ پائالىيەتلىرىگە قارشى كەسىن تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەھمەت باشار شەن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى كەسىپداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، گېرمانىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات، ئەزا توپلاش ۋە مالىيە مەنبەسىنى ھەل قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش يولىدا قەدەم تاشلىشىنى تەلەپ قىلدى.

باش ئەلچى شەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئەۋج ئېلىۋاتقان زوراۋانلىقلىرىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك ئورۇنلىرى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زەربە ئوبيېكتى بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئورگانلىرى ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

بۆلگۈنچى تەشكىلات تەرەپدارى بىر گۇرۇپپا كىشى ئالدىنقى كۈنى كەچتە تۈركىيەنىڭ خاننوۋېردىكى كونسۇلخانىسىغا قاتتىق جىسىملارنى ئېتىپ، بىنانىڭ ئەينەكلىرىنى چېقىپ تاشلاشقا ئۇرۇنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر