ئەردوغان دىيارباكىردا تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نى دۆلەت چېگرالىرى ئىچىدە مىدىرلىيالمايدىغان، ھەرىكەت قىلالمايدىغان ھالغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

2121183
ئەردوغان دىيارباكىردا تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ دىيارباكىر چوڭ يىغىلىشىدىكى سۆزى جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

«مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قوغداش جەريانىدا كىمنىڭ قۇيرۇقىغا دەسسەپ قويساق، ئۇلار دەرھال پ ك ك غا يۈزلىنىدۇ. بىز يەنە دائېش ناملىق ئېمپىريالىستلارنىڭ قونچىقىغىمۇ ئارام بەرمەيۋاتىمىز» دېگەن ئەردوغان، ئۆزلىرىنىڭ پ ك ك نى دۆلەت چېگرلىرى ئىچىدە مىدىرلىيالمايدىغان، ھەرىكەت قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز چېگرالىرىمىزنىڭ سىرتىنىمۇ قەدەممۇقەدەم كونترول قىلىۋاتىمىز. ئەمما بۇ خالىغان ھەممە تەرەپنىڭ ئۇلارنى (تېررورلۇق تەشكىلاتىنى) دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزگە قارشى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتەلەيدىغان پىچكا ئىكەنلىكى رېئاللىقىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر قان ۋە ئوت يالقۇنلىرى ئىچىدە پۇچۇلىنىۋاتقان بىر پيەتتە، بىز بىخەتەرلىكىمىز، تىنچلىقىمىز، بەخت-سائادىتىمىز، مۇقىملىقىمىز ۋە گۈللىنىشىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغانلارغا بويۇن ئېگىپ تۇرمىدۇق، تۇرمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر