بېلگىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى قوللىغۇچىلىرى تۈركىيە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلدى

ئەدلىيە مىنىستىرى يىلماز تۇنچ بېلگىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك قوللىغۇچىلىرىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىغا قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

2121017
بېلگىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى قوللىغۇچىلىرى تۈركىيە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر يىلماز تۇنچ ئىجتىمائىي ئالاقە بېتىدىكى يازمىسىدا: «خائىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك قوللىغۇچىلىرىنىڭ بېلگىيەدىكى پۇقرالىرىمىزنىڭ جەمئىيەتلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن ۋە لەنەتلەيمەن. ھۇجۇمدا يارىلانغان پۇقرالىرىمىزغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمەن» دېدى.

يىلماز تۇنچ تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر دائىم تۈركىيە پۇقرالىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىلار ھەققىدە باشلانغان تەكشۈرۈشنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، تېررورلۇق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر. تېررورلۇقنىڭ دىنى، تىلى، ئىرقى ۋە مەزھىپى بولمايدۇ. خائىن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى مەيلى قەيەردە يۈز بەرسۇن، ئىجتىمائىي تىنچلىق، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە زور تەھدىت ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا، قوللىغۇچىلىرىغا ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا قارشى بارلىق دۆلەتلەر ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى شۇنداقلا ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇشى لازىم» دېدى.

بېلگىيەنىڭ لىمبۇرگ شەھىرى ئەتراپىدا ئالدىنقى كۈنى  بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىمۋولى ۋە ئاتالمىش ​​رەھبىرىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈشۈپ نامايىش قىلغان بىر گۇرۇپپا بىلەن تۈركىيە پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە بىر قىسىم كىشىلەريارىلانغان  ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر