ئەردوغان: ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىنمۇ ۋەھشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا بىر ئىپتار پىروگراممىسىدا سۆز قىلدى.

2119314
ئەردوغان: ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىنمۇ ۋەھشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەزگىللەردىن تېخىمۇ ۋەھشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان سۈرىيە، ئىراق، سۇدان ۋە يېقىندا غەززەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ مۇبارەك رامىزان كۈنلىرىنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىشىگە توسقۇنۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان ئىنسانىيلىقتىن نەسىبىنى ئالمىغان تېررور دۆلىتى ئىسرائىلىيەنىڭ 17-ئۆكتەبىردىن بۇيان كىچىك بالا، ئاياللار، ياشانغانلار ۋە پۇقرالار دەپ ئولتۇرماستىن، قەبىھ بىر شەكىلدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكىدىن تېخىمۇ ۋەھشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. ھەتتا ئۇرۇشتىمۇ تېگىشكە بولمايدىغان دوختۇرخانا، ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى ۋە ئىبادەتخانىلار ئىشغالىيەتچى كۈچلەر تەرىپىدىن مەخسۇس  ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. خەلقئارا ئورگانلار ۋە تەشكىلاتلار، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاددىي ئىنكاسلارنى قايتۇرۇش بىلەنلا بولۇپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەھشىيلىكىنى تاماششا قىلىپ ئولتۇرماقتا. ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ غەربلىك قوللىغۇچىلىرىغا قارشى تۈركىيە ۋە بىر قانچە دۆلەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ئاكتىيورلار يوق دېيەرلىك» دېدى.

تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن رايوندىكى دوستلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ غەززەدىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«بىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىگە ئۇيغۇن شەكىلدە، ھەم قولىمىز بىلەن، ھەم تىلىمىز بىلەن ۋە ھەم قەلبىمىز بىلەن زۇلۇمغا قارشى تۇرماقتىمىز، غەززە قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىمەكتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر