ئەردوغان پۇتىننىڭ سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سايلامدىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

2117178
ئەردوغان پۇتىننىڭ سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۇنىڭ سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ھەمدە تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىجابىي يۆنىلىشنىڭ يېڭى دەۋردىمۇ كۈچەيگەن ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەر خىل قولايلاشتۇرغۇچى رولنى ئويناشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر