ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «كونا دوستلار ئىپتارى» دا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «خەلقئارا ئورگانلار ۋە تەشكىلاتلار غەززەدە يەنە بىر قېتىم مەغلۇب بولدى. شۇنىمۇ ئېتىراپ قىلايلىكى، ئىسلام دۇنياسىمۇ بۇ جەرياندا سىناقتىن ياخشى ئۆتەلمىدى» دېدى.

2116546
ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «كونا دوستلار ئىپتارى» دا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «كونا دوستلار ئىپتارى» پائالىيىتىگە قاتناشتى.

ئەردوغان پائالىيەتتە قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززەدە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە غەززەدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئەڭ ۋەھشىي قىرغىنچىلىقلىرىدىن بىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ھەقتە يەنە بىر قېتىم مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقنى قىلالىشى ئۈچۈن ئوق-دورا ياردەم بەرگەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناپىقلىقى، غەززەنى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار قەبرىستانلىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئېتىراپ قىلايلىكى، ئىسلام دۇنياسىمۇ سىناقتىن ياخشى ئۆتەلمىدى. بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن چوقۇم ئۆزىمىزدىن بۇنىڭ ھېسابىنى سۆرىشىمىز كېرەك» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن غەززەلىك قېرىنداشلىرىنى قوللىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، غەززەگە 40 مىڭ توننادىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يوللىغانلىقىنى ۋە تېخىمۇ ئاشۇرغان ھالدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر