ياشار گۈلەر تېررورلۇقنى مەنبەسىدىن يوقىتىش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر تېرورلۇقنى مەنبەسىدىن يوقىتىش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۈزلۈكسىز ۋە ئەتراپلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئېغىر زەربىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

2116388
ياشار گۈلەر تېررورلۇقنى مەنبەسىدىن يوقىتىش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ياشار گۈلەر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «18-مارت شېھىتلەرنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 109 – خاتىرە يىلى پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.

مىنىستىر ياشار گۈلەر سۆزىدە، تارىختىكى ئەڭ چوڭ غەلبىلەرنىڭ بىرسى بولغان چاناققەلئە زەپىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭمۇ باشلامچىسى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ياشار گۈلەر چاناققەلئەدىكى كۈرەش روھىدىن ئېلىنغان ئىلھام بىلەن جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىككىنچى ئەسرىدە تۈركىيەنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە پارلاق كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش مەقسىتىدە، تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «پۈتۈن دۇنيادا يىرىكچىلىكلەر ئەۋج ئالغان بىر مەزگىلدە تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن قارا دېڭىزدىن ئافرىقاغىچە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن كاۋكازغىچە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ھۆكۈمران قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.

مىنىستىر گۇلەر تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بىرتەرەپتە چېگرا بىخەتەرلىكىنى مۇداپىئە قىلسا،  دۆلەت ئىچىدە ۋە چېگرا سىرتىدا تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ يەنە مۇنداق دېدى:  

«ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان قاراتمىلىقى چەكلىك ۋە ۋاقىتلىق  ھەرىكەتلەرنىڭ ئورنىغا، بۈگۈنكى كۈندە بىز تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنى مەنبەسىدە يوقىتىش ئىستراتېگىيەمىز بىلەن ئۈزلۈكسىز ۋە ئەتراپلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئېغىر زەربىلەرنى بەرمەكتىمىز. ئەگەر ھازىر ئۇ يەرلەردە بولمىغان بولساق، تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزگە قارشى ھۇجۇملىرى دۆلەت ئىچىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشاش داۋاملاشقان بولاتتى ۋە ھازىرقى مۇقىملىق ئىشقا ئاشمايتتى. ھېچ كىشى گۇمانلانماسلىقى كېرەككى، تېرورلۇققا قارشى كۈرىشىمىز، تىنچلىقىمىز ۋە بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ»

مىنىستىر ياشار گۇلەر تېرورلۇققا قارشى كۈرەش بىلەن تەڭ بىرلا ۋاقىتتا يەنە، كۆك ۋەتەندىكى ھەق – ھوقۇق، مەنپەئەتلىرىنىڭمۇ قەتئىيلىك بىلەن قوغدىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر