ئەردوغان يەمەن، سۈرىيە، سۇدان، تۈركىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ئازابلىق قېرىنداشلار ھەققىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن زېمىنىدا چوڭ بىر ئىنسانپەرۋەرلىك پاجىئەسىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2116365
ئەردوغان يەمەن، سۈرىيە، سۇدان، تۈركىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ئازابلىق قېرىنداشلار ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى خالىچ قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، توقۇنۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك پاجىئەلىرى ۋە كرىزىسلەر  ئەۋج ئالغان ئازابلىق مەزگىلدە مۇقەددەس رامىزان ئېيىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «بىزلەر يېقىنلىرىمىز، ئائىلىمىز ۋە تۇغقانلىرىمىز بىلەن ئىپتارنىڭ خۇشاللىقىنى ئورتاقلىشىۋاتقان بولساق، غەززەدە ۋە ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن زېمىنىدا تەرىپلەشكە سۆزمۇ يەتمەيدىغان چوڭ بىر ئىنسانپەرۋەرلىك پاجىئەسى يۈز بەرمەكتە. بىر قاچا ئىسسىق يېمەكلىك، بىر ئىستاكان پاكىز سۇ تېپىشمۇ كاتتا ھەشەمەت ھېسابلىنىدىغان ئىنتايىن ئازابلىق ۋە ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن نومۇسلۇق كۈنلەرگە شاھىت بولماقتىمىز. يەمەن، سۈرىيە، سۇدان، تۈركىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق قەلب جوغراپىيەمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان بۇلۇڭلىرىدا قېرىنداشلىرىمىز بۇ مۇقەددەس كۈنلەردە ھەقىقەتەن قاتتىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ» دېدى.

 ئەردوغان ئادالەتكە، تىنچلىققا ۋە ئىتتىپاقلىققا شۇنداقلا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ياردەملىشىش سەپەرۋەرلىكىگە ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك ئېھتىياج ھېس قىلىنىۋاتقان بىر دەۋردە تۇرۇۋاتلىقىنى ئېيتتى.

رامىزاننىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ غەززەگە ۋە باشقا زۇلۇمغا ئۇچرىغان رايونلارغا بولغان ياردىمىنى كۆپەيتكەنلىكىنى كۆرۈپ خۇشال بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەسىرلەردىن بېرى قىلىپ كېلىۋاتقاىنىمىزغا ئوخشاش قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ ياردىمىگە يۈگرەشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر