فىدان: يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن غەززە ئاساسىي جەھەتتىن ئولتۇراقلىشىشقا ئۇيغۇن ئەھۋالدا ئەمەس

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن غەززەنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئولتۇراقلىشىشقا ئۇيغۇن ئەھۋالدا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2116259
فىدان: يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن غەززە ئاساسىي جەھەتتىن ئولتۇراقلىشىشقا ئۇيغۇن ئەھۋالدا ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فىدان تۈركىيە-ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 9-نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا «پارچىلانغان دۇنيانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» تېمىلىق 11-نۆۋەتلىك «يەرشارى باكۇ مۇنبىرى» ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلدى؛ ئۇ سۆزى جەريانىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

ئۆكتەبىردە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى خىزمەتداشلىرىغا <ئۆزلىرىنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىسىنى باشقىلارنىڭ ھەل قىلىشىنى كۈتۈشنىڭ  ئورنىغا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ قېتىم مەسىلىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقى>نى بىلدۈرگەن فىدان: «ئەكسىچە بولغاندا ئىسرائىلىيە، بىزگە بۇ زۇلۇمنى ئۇنۇتتۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ ۋەھشىيلەرچە زۇلۇملارنى قىلىدۇ» دېدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۈچى سايىسىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ھازىر «دەرھال ئۇرۇش توختىتىش، توسالغۇسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى»نى قوللاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان فىدان، قويۇق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايىتىنى توختىتالمىغانلىقىنى، بۈگۈنگە قەدەر غەززەدە <كۆپ سانلىقى ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلار بولۇپ، 31 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ شېھىت> بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«غەززە ھازىر ۋەيران بولدى، ئاساسىي جەھەتتىن ئولتۇراقلاشلىشىشقا ئۇيغۇن ئەمەس ئەھۋالدا» دېگەن فىدان، رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ قامال قىلىنىشىنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

1967-يىلىدىن بۇرۇنقى چېگرالارنى ئاساس قىلىپ، تولۇق سالاھىيەتلىك پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان فىدان، ئىسرائىلىيە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە ئەمەل قىلمىغاچقا، ھەل قىلغۇچ نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىم ئۆزلىرىنىڭ كېپىللىك مېخانىزمى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر