خىرقەئى شەرىف بۈگۈن زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋەيسەل قارانى (ئۇۋەيس ئەلقەرنى) غا سوۋغا قىلغان خىرقەئى شەرىف (مۇبارەك تون) بۈگۈن (15-مارت) ئىستانبۇلدىكى خىرقەئى شەرىف جامەسىدە زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر يىلى رامىزاننىڭ بىرىنچى جۈمە كۈنى زىيارەت ئېچىلىدىغان خىرقەئى شەرىف بۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 10:00 دا زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.
خىرقەئى شەرىفنى رامىزان ئېيى بويىچە ھەپتە ئىچىدە ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 10:00 دىن سائەت 17:00 گىچە، ھەپتە ئاخىرلىرىدا سائەت 09:00 دىن سائەت 17:30 غىچە بولغان ئارىلىقتا زىيارەت قىلىپ كۆرگىلى بولىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، ۋەيسەل قارانىغا سوۋغا قىلىنغان — مۇقەددەس يادىكارلىقلارنىڭ بىرى بولغان خىرقەئى شەرىف، 1851-يىلىدىن بۇيان ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا ئۇنىڭ نامىدا سېلىنغان خىرقەئى شەرىف جامەسىدە ساقلانماقتا.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئامانىتى بولغان خىرقەئى شەرىف بۈگۈن ۋەيسەل قارانىنىڭ 58- ۋە 59-ئەۋلاد نەۋرىلىرى تەرىپىدىن ساقلىنىپ، زىيارەتچىلەرگە ئېچىلماقتا.
5-ئاپرېل قەدىر كېچىسى بولسا، زىيارەت تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن باشلىنىپ، تۈركىيە ۋاقتى سەھەر سائەت 03:00 كىچە داۋاملىشىدۇ، خىرقەئى شەرىفنى زىيارەت قىلىش 9-ئاپرېل ھارپا كۈنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن، دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.