ئەردوغان ئانتاليادا بەزى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 3-نۆۋەتلىك ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى دائىرىسىدىكى قويۇق ئۇچرىشىشلىرى داۋام قىلماقتا.

2109975
ئەردوغان ئانتاليادا بەزى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
viktor orban-erdogan antalya.jpg
barzani-erdogan.jpg
cibuti ismail omer gulle-erdogan.jpg
sirp milorad dodik-erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن جىبۇتىلىق مەنسەپدىشى ئىسمائىل ئۆمەر گۇئەللەھ، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا سېربىيە تەرىپىنىڭ رەئىسى مىلوراد دودىك ۋە ئېسۋاتىنى پادىشاھى ئۈچىنچى مىسۋاتى خانىم قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە ئانتاليادا يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئورباننىمۇ قوبۇل قىلدى؛ سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيە-ۋېنگرىيە مۇناسىۋەتلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان ھۇجۇملىرى، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ كېڭىيىش مۇساپىسى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادتىن مۇداپىئە سانائىتىگىچە، ئېنېرگىيەدىن قاتناشقىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردىكى ياخشى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەن ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئوچۇق-ئاشكارا يوقىتىلىۋاتقان بىگۇناھ پەلەستىن خەلقىنىڭ ئاھۇ-زارلىرىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بارلىق توقۇنۇش رايونلىرىدا تىنچلىق بەرپا قىلىنىشى تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ يۆنىلىشنى بويلاپ كۈچلۈك قەدەملەرنىڭ داۋاملىق تاشلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى رەئىسى نەچىرۋان بارزانىنمۇ قوبۇل قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى (تۈنۈگۈن) تۈركمەنىستان مىللىي رەھبىرى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ ۋە بۇلغارىيەلىك مەنسەپدىشى رۇمېن رادېۋ بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەھبەرلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئايرىم ئۇچرىشىشلىرىدا، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان بولسىمۇ، ئاساسلىق كۈنتەرتىپ، غەززەدىكى تىراگېدىيە بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر