تۈركىيە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ئادىل ۋە مەڭگۈلۈك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككىنچى يىلىنى ئارقىدا قالدۇرغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئۇكرائىناغا يەتكۈزگەن ئېغىر بۇزغۇنچىلىقىنىڭ تەسىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ رايون ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى سەلبىي ئاقىۋەتلىرىنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
«بىز دىپلوماتىك مۇساپىنى قايتا جانلاندۇرىدىغان پۇرسەتنىڭ ھامان بىر كۈنى تۇغۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگەن ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، بۇ تونۇشنى ياقلىغان ھالدا تەرەپلەرگە زۆرۈر تەكلىپلەرنى سۇنۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
باياناتتا يەنە: «ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ئادىل ۋە مەڭگۈلۈك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز» دېيىلدى.
رۇسىيە 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش ئاچقانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.