فىدان بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۇلغارىيە پايتەختى سوفىيەدە پىرېزىدېنت رۇمېن رادېۋ تەرىپىدىن ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلىندى.

2095430
فىدان بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېكس (X) بېتىدە مىنىستىر خاقان فىداننىڭ بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى رۇمېن رادېۋ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «مىنىستىرىمىز فىدان سوفىيەدە بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى رۇمېن رادېۋ تەرىپىدىن ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلىندى» دېيىلدى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ھەمبەرلەنگەن يەنە بىر ئۇچۇردا، خاقان فىداننىڭ بۇلغارىيە باش مىنىستىرى دېنكوۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، بۇلغارىيە باش مۇپتىسى مۇستافا ھاجى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، «قازى سەيفۇللاھ جامەسى»  نى زىيارەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر