فىدان بۇلغارىيە زىيارىتىنى باشلىدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئالبانىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بۇلغارىيەگە يېتىپ باردى.

2095096
فىدان بۇلغارىيە زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۇلغارىيە پايتەختى سوفىيەدە ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى مۇستاپا كارادايى، تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىس نامزاتلىرىدىن جەۋدەت چاكىروۋ ۋە دېليان پېئېۋسكى بىلەن كۆرۈشتى.

خاقان فىدان بۈگۈن (30-يانۋار) بۇلغارىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىيا گابرىئېل، پىرېزىدېنت رۇمېن رادېۋ ۋە باش مىنىستىر نىكولاي دېنكوۋ قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇ بۇلغارىيە زىيارىتىدىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى (31-يانۋار) رۇمېنىيەنى زىيارەت قىلىدۇ.

خاقان فىداننىڭ بۇ قېتىمقى ئۈچ دۆلەت زىيارىتىدە، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردىن باشقا، رايون ۋە دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر