مىنىستىر فىدان ئابدۇللاھىيانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىراننىڭ كېرمان شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

2084852
مىنىستىر فىدان ئابدۇللاھىيانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەر، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئالدىنقى كۈنى ئىراننىڭ كېرمان شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئامېرىكا تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇددۇس قىسىملىرىنىڭ سابىق قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئەسنادا (2024- يىل 3- يانۋار چارشەنبە) ئىككى ئايرىم پارتلاش يۈز بېرىپ، 84 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 284 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر