خاقان فىدان: ھەق - ھەقىقەتنى قوللاشتىن ھەرگىز چېكىنمەيمىز

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان توغرىنى ۋە ھەقىقەتنى قوللاشتىن ھەرگىز چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2082639
خاقان فىدان: ھەق - ھەقىقەتنى قوللاشتىن ھەرگىز چېكىنمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاقان فىدان X ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلەنگەن يېڭى يىللىق ئۇچۇرىدا، جۇمھۇرىيەتنىڭ 100 - يىلىنى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىىنىڭ ئۇلى سېلىنغانلىقىنىڭ 500 - يىلىنى ئۇزاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خاقان فىدان: «خەلقئارا تۈزۈم ئېنىقسىزلىققا تولغان ۋە دۇنيا مىقياسىدا مۇقىمسىزلىق يۈز بېرىۋاتقان بۇ دەۋردە، جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە مەركەزلىك مۇستەقىل تاشقى سىياسەت دۆلىتىمىزنى خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىنى بەلگىلەيدىغان، ھالقىلىق جۇغراپىيىلەردە تەسىر ياراتقان، مۇھىم بىر ئاكتىيورغا ئايلاندۇردى» دېدى ھەمدە 2024-يىلىدا ئەخلاقىي قىممەت قاراشلارغا مەھكەم باغلانغان، رىئال ۋە ئۈنۈملۈك تاشقى سىياسەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خاقان فىدان: «مىللىتىمىزدىن ئالغان كۈچ بىلەن يەر شارىدىكى ئادالەتسىزلىك ۋە خاتالىقلارغا قارشى ئاۋازىمىزنى ياڭرىتىشتىن ۋاز كەچمەيمىز. توغرىنى ۋە ھەق - ھەقىقەتنى قوللاشتىن چېكىنمەيمىز. <تۈركىيە ئەسرى نىشانى> دائىرىسىدە يولغا قويغان مۇستەقىل ۋە مىللىي تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى شۇنداقلا كۆلىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز» دېدى ھەمدە بۇ نىشانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان مىنىستىرلىق خادىملىرىغا شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق مەمۇرلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

خاقان فىدان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياشايدىغان پۇقرالارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ، 2024-يىلىنىڭ تۈركىيەگە، تۈرك خەلقىگە ۋە ئىنسانىيەتكە خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر