ئىراقنىڭ شىمالىدا ئالتە ئەسكەر شېھىت بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا سادىر قىلغان ھۇجۇمىدا ئالتە ئەسكەر شېھىت بولدى.

2079927
ئىراقنىڭ شىمالىدا ئالتە ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھۇجۇمىدا يارىلانغان تۆت ئەسكەرنىڭ ئۈچىنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقى، يوقىتىلغان تېررورچىلار سانىنىڭ يەتتىگە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 22-دېكابىر جۈمە كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدا سادىر قىلغان ھۇجۇمىدا ئۈچ ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، تۆت ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى؛ مىنىستىرلىق يېڭىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، يارىلانغان تۆت ئەسكەرنىڭ ئۈچىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تەرىپىدىن 2023 – يىلى 22 – دېكابىر ئىراقنىڭ شىمالىدا سادىر قىلىنغان ھۇجۇمدا يارىلانغان تۆت قەھرىمان سەپدىشىمىزنىڭ ئۈچى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى. رايوندا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانى يەتتىگە يەتتى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر