فىدان ئوسلودا زىيارەتتە بولىدۇ

مىنىستىر خاقان فىدان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشمە ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىپ، مەڭگۈلۈك تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا زىيارەتتە بولىدۇ.

2076896
فىدان ئوسلودا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىز (فىدان) 2023-يىلى 15-دېكابىر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشمە ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىپ، مەڭگۈلۈك تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا زىيارەتتە بولىدۇ. ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىز ئالاقە گۇرۇپپىسىدىكى كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە، دانىيە، ئىسلاندىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە لىيۇكسېمبۇرگ دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر