ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

2075912
ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ (ئىراقنىڭ شىمالىدىكى) <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا قەھرىمان سەپدىشىمىز، پىيادە قىسىملار لېيتېنانتى ئەرىل ئالپەرەن ئەمىر شېھىت بولدى.

بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا سالغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان قىممەتلىك شېھىتىمىزغا ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت تىلەيمىز، تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئالىيجاناب خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر