تۈركىيە غەززەگە ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەنىڭ غەززەگە سەھىيە ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2070189
تۈركىيە غەززەگە ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، غەززەگە ياردەم ئەشيالىرىنى توشۇغان ھەربىي ئايروپىلاننىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە (29-نويابىر) قەيسەرىدىن مىسىرنىڭ ئەلئارىش ئايرودۇرۇمىغا قاراپ كۆككە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تىببىي مالزىمىلەر ۋە نۇرغۇن تىببىي ئۈسكۈنىلەر بېسىلغان ئايروپىلاننىڭ قايتىشتا، كۆپىنچىسى بالىلاردىن تەركىپ تاپقان غەززەلىك بىمارلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، مۇناسىۋەتلىك ئۈچ دۆلەت بىلەن ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭمۇ زىچ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۈگۈنگىچە تۈركىيەدىن غەززەگە قىلىنغان ياردەملەر دائىرىسىدە، ئۈچۈن جەمئىي 11 ئايروپىلاندا 700 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى، تىببىي مالزىمىلەر، سەككىز دانە دالا دوختۇرخانىسى ۋە 20 قۇتقۇزۇش ماشىنىسى مىسىرنىڭ ئەلئارىش ئايرودۇرۇمىغا يەتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر