خاقان فىدان ئىسپانىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئاق دېڭىز بىرلەشمىسى (UUA) نىڭ 8 – نۆۋەتلىك رايون مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىگە يېتىپ باردى.

2069147
خاقان فىدان ئىسپانىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، مۇنبەر يىغىنىدىكى بىردىنبىر كۈنتەرتىپ سۈپىتىدە غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىنىستىر خاقان فىداننىڭ زىيارەت جەريانىدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى - ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى پەۋقۇلئاددە بىرلەشمە باشلىقلار يىغىنى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن باشقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن شۇنداقلا ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسې مانۇئېل ئالبارىس بۇئېنو بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، غەززەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر