تۈركىيەدە پەلەستىن شېھىتلىرى ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈك «مىللىي ماتەم»  ئېلان قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئۈچ كۈنلۈك «مىللىي ماتەم» ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

2052898
تۈركىيەدە پەلەستىن شېھىتلىرى ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈك «مىللىي ماتەم»  ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان قورقۇنچلۇق ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمىز. كۆپىنچىسى بالىلار ۋە بىگۇناھ پۇقرالاردىن تەشكىل تاپقان مىڭلىغان شېھىتلىرىمىزغا بولغان ھۆرمىتىمىزنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە دۆلىتىمىزدە ئۈچ كۈنلۈك <مىللىي ماتەم> ئېلان قىلىندى.»

ئەردوغاننىڭ باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ «مىللىي ماتەم» قارارىغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئۈچ كۈنلۈك «مىللىي ماتەم» ھەققىدىكى قارارىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالارنى نىشان قىلىۋاتقان، 2023 – يىلى 17 – ئۆكتەبىر كۈنى دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەلەستىن خەلقىنىڭ قورقۇنچلۇق ئازاب – ئوقۇبەتلىرى ھەم دەرد – ئەلەملىرىنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ئۈچ كۈنلۈك «مىللىي ماتەم ئېلان قىلىنغانلىقى» ئەسكەرتىلدى.

قاراردا، 2023-يىلى 21 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈن پاتقانغا قەدەر، دۆلەت مىقياسىدا ۋە تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىدا تۈركىيە بايرىقىنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ مەركىزىدىكى ئەلئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلغان، بۇ قىرغىنچىلىقتا 471 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان ھۇجۇملىرىدا 3000 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى. 12 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر