ئەنقەرە لىۋاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە لىۋاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرىغا ئېھتىياتچان بولۇش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە «لىتانى دەرياسى» نىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردىن يىراق تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

2050425
ئەنقەرە لىۋاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، لىۋاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدا، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى، شۇڭا تۈركىيە پۇقرالىرىغا ئېھتىياتچان بولۇشى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە «لىتانى دەرياسى» نىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردىن يىراق تۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

 «لىۋاندىكى پۇقرالىرىمىزنىڭ ئېھتىياتچان بولۇشى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە <لىتانى دەرياسى> نىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردىن يىراق تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەڭ ياخشىسى، لىۋاندىكى پۇقرالىرىمىز ئۆزگىرىشلەردىن مىنىستىرلىقىمىزنىڭ، بېيرۇت ئەلچىخانىمىزنىڭ رەسمىي تور بېكەتلىرى ۋە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشلاردىن خەۋەرداربولۇپ تۇرۇشى كېرەك.»

«پۇقرالىرىمىزنىڭ جىددىي ئەھۋاللاردا بېيرۇت ئەلچىخانىمىز ۋە كونسۇلخانا ئىشلىرى چاقىرىق مەركىزىمىزنىڭ تېلېفون نومۇرلىرى ئارقىلىق ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز.

بېيرۇت ئەلچىخانىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: +961 70 622 012/+961 3 944 904

 كونسۇلخانا ئىشلىرى چاقىرىق مەركىزىمىزنىڭ تېلېفون نومۇرى: +90 312 292 29 29»

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى شەنبە (7-ئۆكتەبىر) كۈنى ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن يۈزلىگەن كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر