ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېغىر يارىلانغان بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكەت رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى تەرىپىدىن كۆمۈلگەن ۋە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە  ئېغىر يارىلانغان بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى.

2049094
ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېغىر يارىلانغان بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «پەنچە ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن كۆمۈلگەن ۋە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئېغىر يارىلانغان پىيادە ئەسكىرىمىز سېرژانت مۇستاپا چاقماق تېزلىكتە دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان ۋە داۋالىنىشى باشلانغان ئىدى. ئەمما، بارلىق قۇتقۇزۇش تىرشىچانلىقلىرى ئۈنۈم بەرمەي، بۈگۈن (10-ئۆكتەبىر) شېھىت بولدى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر