ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرىنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەگە رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كارل نېخاممېرنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى.
2049093
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نېھاممېرنى پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدا قارشى ئالدى.ئارقىدىن ئىككى رەھبەر ئايرىم كۆرۈشتى.
ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە-ئاۋسترىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون خاراكتېرلىك يېڭى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
ئاخىرىدا، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشىتىن كېيىن، ئەردوغان بىلەن نېخاممېر بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.