ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كارل نېھاممېر تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

2048580
ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى كارل نېھاممېرنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىپ بېرىلىدىغان رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى 9-ئۆكتەبىردىن 10-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن.

زىيارەت دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە بىلەن ئاۋسترىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارلىق تەرەپلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ياخشىلاشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچرىشىشلاردا، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە، دۇنيا ۋە رايون خاراكتېرلىك يېڭى مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر