ئەردوغان مالايشىيا باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2048426
ئەردوغان مالايشىيا باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر