تۈركىيە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 14 - يىللىق ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى.

2045472
تۈركىيە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بىز 1992-يىلى <تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر  باشلىقلار يىغىنى> سۈپىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرگەن بۇ باسقۇچ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسى ھەم ئورتاق تىرىشچانلىقلىرى سايىسىدا، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ كۈچلۈك خەلقئارالىق تەشكىلاتقا ئىگە بولۇشىمىز بىلەن خۇلاسىلەندى.»

باياناتتا، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۈچىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتچان ۋە رايونلۇق تەشكىلات سۈپىتىدە تىنچلىق، شۇنداقلا مۇقىملىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى نىشان قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە تۈرك دۇنياسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيدۇ.»

باياناتتا يەنە، ئەنقەرەنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس يارىتىپ نەخچىۋان كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 14 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ھەمكارلىق كۈنىنى چىن دىلىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر