تۈركىيە مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە قۇددۇستىكى ھەرەم شەرىفنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس جايلارنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە تارىخىي سالاھىيىتىگە زىيان يەتكۈزگەن ھۇجۇملارنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىش قىلمىشلىرى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان ئەۋج ئېلىشقا يۈزلەنگەن مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇقەددەسلىكىگە دەخلى- تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «قۇددۇستىكى ھەرەم شەرىفنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس جايلارنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە تارىخىي سالاھىيىتىگە زىيان يەتكۈزگەن ھۇجۇملارنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
باياناتتا يەنە: «بىز ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە قاراتقان ساھەدىكى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋېتىدىغان ھەر قانداق ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىدىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقىمىزنى ۋە بۇ يۆنىلىشتىكى زۆرۈر قەدەملەرنىڭ ئەستايىدىل شۇنداقلا تېز سۈرئەتتە تاشلىنىشىنى كۈچلۈك ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمىزنى قايتا تەكىتلەيمىز» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.