ئەردوغان سانچېز بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز بىلەن تېلېفونلاشتى.
2043830
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر سانچېزنىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، مۇداپىئە سانائىتى ساھەسى ھەمكارلىقى، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.