تۈركىيە ئىراققا تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە ئىراقنىڭ موسۇلدىكى بىر توي - مەرىكە زالىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.
2042964
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ئىراقنىڭ موسۇل ۋىلايىتىنىڭ ھەمدانىيە ناھىيەسىدە بىر توي – مەرىكە زالىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، تەخمىنەن 500 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: « بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ھال سورايمىز ۋە يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.