ئەردوغان نەھچىۋانغا يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن نەھچىۋانغا يېتىپ باردى.

2041883
ئەردوغان نەھچىۋانغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ نەھچىۋاندا كۆرۈشۈپ، تۈركىيە- ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتى، قاراباغنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ھەمدە رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ ئىغدىر - نەھچىۋان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ ئۇل سېلىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇلغان نەھچىۋان ھەربىي رايونىنىڭ لىنتا كېسىش مۇراسىملىرىغا ئىشتىراك قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر