ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2040345
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋدىن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قاراباغدا ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى قوزغىغان ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى نەتىجىسىدە ئاخىرلاشقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەلىيېۋغا تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاننى چىن دىلىدىن قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر