فىدان ۋارھېليى بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ئولىۋېر ۋارھېليى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
2037634
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ئولىۋېر ۋارھېليىنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.