تۈركىيە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان لىۋىيەگە ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان لىۋىيەگە ياردەم قولىنى سۇندى.

2036084
تۈركىيە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان لىۋىيەگە ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاساسلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بېسىلغان ئۈچ يۈك ئايروپىلانىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ ئىزدەش- قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى بىلەن بىرلىكتە پايتەخت ئەنقەرەدىن لىۋىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسى — ئافاد رەئىسى ئوكاي مەمىش، ئۈچ يۈك ئايروپىلانىنىڭ كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن لىۋىيەگە ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن ياردەم ئەشيالىرىنى يۆتكەيدىغانلىقىنى، ئايروپىلانلارنىڭ تۆت سائەت ئارىلىق قالدۇرۇپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز دوست ۋە قېرىنداش لىۋىيە خەلقىگە تۈركىيەنىڭ، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ۋە تۈرك مىللىتىنىڭ ياردەم قولىنى سۇنىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا لىۋىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈركىيە لىۋىيە خەلقىنىڭ يېنىدا. <ئافاد>ىمىزنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۈچ ئايروپىلاننىڭ بىنغازىغا قوندۇرۇلۇشى پىلانلاندى» دېدى.

لىۋىيە خەلقىدىن ھال سورىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بىرىنچى باسقۇچتا، ئايروپىلانلىرىمىزدا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ۋە باشقا خىزمەتلەرگە ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن 168 خادىم، ئىككى ئىزدەش- قۇتقۇزۇش ماشىنىسى، ئىككى قۇتقۇزۇش كېمىسى، پاناھلىنىش ۋە باشقا ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 170 چېدىر، 600 ئەدىيال،  پاناھلىنىش ئورنى ۋە باشقا ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 400 يېمەكلىك ۋە تازىلىق بۇيۇملىرى ساندۇقى، 20 گېنېراتور، 1000 يامغۇرلۇق چاپان، 500 ئۆتۈك ۋە 500 قول چىرىغى قاتارلىقلار بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر