تۈركىيە پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى.

2020918
تۈركىيە پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن 2023-يىلى 6 – ئاۇغۇست پاكىستاندا يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

تەزىيەنامىدە، كاراچىدىن راۋالپىندىغا ماڭغان يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە، نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەزىيەنامىدە، «بۇ پاجىئەلىك ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز. يېقىن- يورۇقلىرىدىن شۇنداقلا دوست ۋە قېرىنداش پاكىسستان خەلقى،  ھۆكۈمىتىدىن ھال سورايمىز، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ  تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمىز» دېيىلدى.

پاكىستاننىڭ ناۋابشاھ شەھىرى ئەتراپىدا، بىر يولۇچىلار پويىزىنىڭ 10 ۋاگونى رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 30 كىشى قازا قىلىپ، 50 كىشى يارىلانغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر