ئەردوغان بىلەن ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ سۆھبىتىدە مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن سىنلىق تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2020677
ئەردوغان بىلەن ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ سۆھبىتىدە مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە مالايشىيا باش مىنىستىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۇنجى پۇرسەتتە مالايشىيادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەتراپلىق، ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئاساسىدا تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالايشىيادا سودا ئىشخانىسى ئېچىشىغا بېرىلگەن  رۇخسەتنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇداپىئە سانائىتىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەمدىلىكتە پاراۋۇز بېشىغا ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مالايشىيانىڭ بۇ ساھەدىكى ئېھتىياجىنى تېزدىن قاندۇرۇش ئۈچۈن بالدۇرراق پىكىر بىرلىكى كېلىشىمى تۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.  

ئەردوغان (دانىيە ۋە شىۋىتسىيە) دىكى قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا قارشى كۈچلۈك ۋە قەتئىي ئىرادىلىك ئورتاق پوزىتسىيە بەرپا قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلەپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارلارنىڭ بۇ جەھەتتە موھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتى (FETO) نىڭ مالايشىيادا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى ۋە تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن  مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىمدىن بۇ جەھەتتە كۈچلۈك قوللاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر