تۈركىيە ئالجىرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئالجىرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان دالا ئوت ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

2015572
تۈركىيە ئالجىرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئالجىرىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە داۋاملىشىۋاتقان دالا ئوت ئاپەتلىرىدە نۇرغۇن پۇقرا ۋە ھەربىي خادىملارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «ئوت ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھىم- شەپقەت تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش ئالجىرىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىدىن ھال سورايمىز، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز. تۈركىيە بۇ قىيىن كۈنلەردە ئالجىرىيەگە ھەر خىل ياردەملەرنى بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئالجىرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى 11 شەھەردە باشلانغان دالا ئوت ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 34 كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر