تۈركىيە ئالجىرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە ئالجىرىيەنىڭ تامانراسسېت شەھىرىدە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 19 – ئىيۇل ئالجىرىيەنىڭ تامانراسسېت شەھىرىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا: «بىز بۇ ئېچىنىشلىق قاتناش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھىم- شەپقەت تىلەيمىز، ئۇلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىدىن، دوست ۋە قېرىنداش ئالجىرىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىدىن ھال سورايمىز شۇنداقلا قازادا يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ئالجىرىيەنىڭ تامانراسسېت شەھىرىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 34 ئادەم قازا قىلغان، 12 ئادەم يارىلانغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.