فىدان ئاشلىق كېلىشىمى ۋە قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى توغرىسىدا توختالدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ قايتىدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىنىشى كېرەكلىكىگە سەمىمىي ئىشىنىمىز» دېدى.

2014629
فىدان ئاشلىق كېلىشىمى ۋە قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان تۈنۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۋان گىل بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋاكالەتخانىسىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى سۆز قىلدى.

فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىلەن تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمى مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا ئەستايىدىل خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭمۇ تەڭداش چارىلەرنى تېپىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ قايتىدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. بۇنىڭدىن باشقا ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ تېڭىش خاراكتېرلىك، بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەل قىلىش چارىلىرى بولۇش ئېھتىماللىقى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى» دېدى.

ئۇ ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن بۇ ھەقتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشتىمۇ رۇسىيە تەرەپنىڭ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشى ۋە ئۇنى ئۇزارتماسلىقىنىڭ بىر قاتار تەپسىلىي سەۋەبلىرىگە قۇلاق سالغانلىقىنى، نۆۋەتتە بۇ مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ب د ت بىلەنمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان فىدان: «بىز رۇسىيەنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشى ۋە تەلەپلىرىنىڭ قاندۇرۇلۇشى بىلەن بىرگە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ ئىشتىن غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. مەن بۇ كىرىزىسنىڭ بالدۇرراق ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

مىنىستىر فىدان يەنە، تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ ستوكھولمدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستان، ۋە مىسىرلىق مەنسەپداشلىرى ھەمدە لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ھەمدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېزدىن يىغىن چاقىرىشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

نۆۋەتتىكى ئاساسلىق كۈنتەرتىپنىڭ قانداق قىلغاندا كوللېكتىپ ھالەتتە كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىغىلى بولىدىغانلىقى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان فىدان: «چۈنكى بىز، ئىسلام دۇنياسى بۇ مەسىلىگە تەشكىللىك ھالەتتە ئىنكاس قايتۇرمىسا، غەرب دۆلەتلىرىدە تونۇش ئۆزگىرىشى ھاسىل بولمايدۇ، دەپ ئويلايمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن فىدان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا كۈچەيگەن ئۆزئارا ئالاقە ۋە زىيارەتلەر سايىسىدا جانلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فىدان مەنسەپدىشى يۋان گىل بىلەن ئېنېرگىيە، ساياھەت، قاتناش، مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۋان گىل بولسا: «بىز تۈركىيەنى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ كاپالىتى بىر دۆلەت دەپ قارايمىز» دېدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنىڭ يەر شارى تىنچلىقىغا بېغىشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ ئوخشاش نۇقتىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى، بارلىق زىددىيەتلەرنى، بولۇپمۇ ياۋروپادىكى زىددىيەتلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر