تۈركىيە جەنۇبىي كورېيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە جەنۇبىي كورېيەدىكى كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى.

2012953
تۈركىيە جەنۇبىي كورېيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جەنۇبىي كورېيەدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «جەنۇبىي كورېيە جۇمھۇرىيىتىدە قاتتىق يامغۇر پەيدا قىلغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىنىڭ ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋە مال- مۈلۈككە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلدى. بىز ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ تۇغقانلىرى ۋە دوست جەنۇبىي كورېيە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جەنۇبىي كورېيەدە ياغقان قاتتىق يامغۇر پەيدا قىلغان يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدىكى كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلار سانى 40 قا يەتتى.

ئاپەتتە جەريانىدا 139 ئۆي بولۇپ، ۋەيران بولغان جەمئىي بىنا سانى مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر