تۈركىيە: ئۆزبېكىستاندا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ تىنچ ئاخىرلاشقانلىقىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئۆزبېكىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئاخىرلاشقانلىقىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2009154
تۈركىيە: ئۆزبېكىستاندا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ تىنچ ئاخىرلاشقانلىقىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆزبېكىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ھەققىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئەنقەرەنىڭ ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئاخىرلاشقانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق سەۋىيەسىگە يەتكۈزگەن ئۆزبېكىستاننىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز. سايلام نەتىجىسىنىڭ دوستانە ۋە قېرىنداش دۆلەت ئۆزبېكىستان خەلقى ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر