تۈركىيە قىبرىس سۆھبەت مۇساپىسىگە ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە قىبرىس سۆھبەت مۇساپىسىگە قاتناشقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ «ئاساسسىز» ۋە «پۈتۈنلەي يالغان» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

2008164
تۈركىيە قىبرىس سۆھبەت مۇساپىسىگە ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «چەت ئەلدە نەشر قىلىنغان بىر كىتابقا ئاساسلانغان بەزى مەنبەلەردە، 2017 – يىلى رۇم تەرىپىنىڭ رېئاللىقتىن يىراق پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولغان قىبرىس سۆھبەت مۇساپىسىگە قاتناشقان مىنىستىرلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ھەققىدە ئاساسسىز ئەيىبلەشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى كۆرۈلدى» دېدى.

بىلگىچ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «سۆھبەت جەريانىدا، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يول قويۇش پوزىتسىيەسىنى ياقلاپ ھەرىكەت قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ ئەيىبلەشلەر ئەمەلىيەتتىن پۈتۈنلەي يىراق. رۇم تەرەپنىڭ گۇناھكارلىق تۇيغۇسى بىلەن مەسئۇلىيەتتىن قېچىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى بولغان بۇ ئاساسسىز ئەيىبلەشلەرنى نەزەرگە ئالمەسلىق كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ قىبرىس سىياسىتىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ سىياسەتنى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر