ئەردوغان ستولتېنبېرگنى تەبرىكلىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر يىل ئۇزارتىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگنى تەبرىكلىدى.

2007412
ئەردوغان ستولتېنبېرگنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، باش كاتىپلىق ۋەزىپىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن بىر يىل ئۇزارتىلغان ستولتېنبېرگنى تەبرىكلىدى، ھەمدە ئۇتۇقلۇق خىزمەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ناھايىتى قىيىن خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان، بىخەتەرلىككە بولغان ئېھتىياج چېكىگە يەتكەن ھالقىلىق بىر پەيتتە، ھۆرمەتلىك ستولتېنبېرگ ئەپەندىنىڭ خىزمەتلىرى ئارقىلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمىزغا ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ئىگىلىنىشىچە، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 30-سېنتەبىر (2023) توشىدىغان ستولتېنبېرگ 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر