ئەردوغان بېرلوسكونى ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 86 يېشىدا ۋاپات بولغان ئىتالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى سىلۋىيو بېرلوسكونى ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.

1999070
ئەردوغان بېرلوسكونى ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە تۈركچە ۋە ئىتاليانچە ئېلان قىلغان تەزىيە باياناتىدا مۇنداق دېدى: «قەدىرلىك دوستۇم سىلىۋىيو بېرلوسكونىنىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇم، ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىل بىللە ئىشلىگەنىدۇق.»

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۈتكۈل ئىتالىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى، بېرلوسكونىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە ۋە يېقىن – يورۇقلىرىغا چىن كۆڭلىدىن ھېسداشلىق بىلدۈردى.

ئەردوغان باياناتىدا، بېرلوسكونى بىلەن بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرەتلەرگىمۇ ئورۇن بەردى.

ئىتالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، ئوڭ قانات بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ شېرىكى فورزا ئىتالىيە پارتىيەسى رەھبىرى سىلوىيو بېرلوسكونى تۈنۈگۈن (12-ئىيۇن) ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.

يېقىندىن بۇيان ئېغىر كېسل بولۇپ يېتىپ قالغان بېرلوسكونى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە سان راففالېلې دوختۇرخانىسىدا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبىدىن داۋالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر